ئەسىر تېلېۋىزىيەسى بولسا ئاندرويىد تېلېۋىزور، تېلېفون، Windows ۋە Mac كومپىيۇتېرلىرىڭىزغا خاس كۆپ ئىقتىدارلىق كىنو-فىلىم قويغۇچ دېتالى. 30 خىل مەنبە، تىرىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى، تولۇق ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزى.
نېمە ئۈچۈن ئەسىر تېلېۋىزىيەسىنى تاللايسىز؟
30 خىل كىنو مەنبەسى بىرلەشتۈرۈلگەن: ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىملەر، تۈرك فىلىملىرى، ھىندىستان، كورىيە تىياتىرلىرى ھەممىسى بار.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 7 قانىلى ۋە تور تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى ھەر ۋاقىت بىۋاستە كۆرەلەيسىز.
بىر قېتىمدىلا بارلىق مەنبەلەردىن ئىزدەش — قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېھتىياجلىق فىلىمنى تېپىڭ.
كۆرۈنمە يۈزى، تىزىملىك، ئىزدەش — ھەممىسى ئۇيغۇرچە. چوڭلار ۋە بالىلار ئاسانلا ئىشلىتەلەيدۇ.
تېلېۋىزور پۇلتى بىلەن تولۇق كونترول: يۆتكەش، تاللاش، تولۇق ئېكران، كېيىنكى قىسىم — ھەممىسى راھەت.
تۆۋەن ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور ساندۇقى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئەلالاشتۇرۇلغان، قىتىش ئاز، سۈپەت يۇقىرى.
ئۈسكۈنىڭىزگە ماس نەشرىنى تاللاڭ — ھەممىسى ھەقسىز يېڭىلىنىدۇ
چۈشۈرۈشتىن كۆرۈشكىچە پەقەت بىر مىنۇت
ئۈسكۈنىڭىزگە ماس نەشرىنى بېسىڭ: APK / DMG ياكى Windows ZIP.
ئاندرويىدتا «نامەلۇم مەنبەگە رۇخسەت بېرىش» نى ئېچىپ قاچىلاڭ؛ Mac دا «Applications» قىسقۇچىغا سۆرەڭ؛ Windows دا ZIP نى پۈتۈنلەي ئېچىپ Esirtv.exe نى ئىجرا قىلىڭ.
ئېچىپلا كۆرۈشنى باشلاڭ — ھېچقانداق تەڭشەش كەتمەيدۇ.
مەسىلىگە يولۇقتىڭىزمۇ؟ بۇ يەردىن جاۋاب تېپىڭ
«نامەلۇم مەنبەگە رۇخسەت بېرىش» نى ئاچقانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ. تېلېفون بوشلۇقى يېتەرلىكمۇ تەكشۈرۈڭ (كەم دېگەندە 100 مېگابايت).
APK نى كومپىيۇتېرغا چۈشۈرۈپ، U دىسكىغا كۆچۈرۈپ، تېلېۋىزورغا چېتىپ ھۆججەت باشقۇرغۇچىدىن قاچىلاڭ. ياكى تېلېۋىزوردىكى تور كۆرگۈچ بىلەن بۇ بەتنى ئېچىپ چۈشۈرۈڭ.
بۇ Apple نىڭ ئادەتتىكى بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى. «سىستېما تەڭشىكى → شەخسىيەت ۋە بىخەتەرلىك» غا كىرىپ، ئاستىدىكى «يەنىلا ئېچىش» نى بېسىڭ.
ZIP نى پۈتۈنلەي ئېچىڭ (پەقەت Esirtv.exe نىلا ئايرىپ ئالماڭ، يانتىق ھۆججەتلەر (DLL) لازىم)، ئاندىن ئىچىدىكى Esirtv.exe نى ئىككى چېكىپ ئىجرا قىلىڭ. قاچىلاش كەتمەيدۇ. Windows بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى چىقسا «يەنىلا ئىجرا قىلىش» نى تاللاڭ.
يېڭى نەشرى چىققاندا ئەپ ئۆزى ئەسكەرتىدۇ ۋە يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندرويىدتا APK نى قايتا قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ، سانلىق مەلۇماتىڭىز ساقلىنىپ قالىدۇ.